گېرمانىيەدە ئوقۇتقۇچىلار ئىش تاشلىدى

گېرمانىيەدە ئوقۇتقۇچىلار كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلىدى.

246078
گېرمانىيەدە ئوقۇتقۇچىلار ئىش تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۆكۈمەت بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئىش مۇزاكىرىلىرىدىن نەتىجە ئالالمىغان توختاملىق ئوقۇتقۇچىلار، مائاشىنىڭ 5% ئاشۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.
خىزمەت ۋە مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرىلەردىن نەتىجە چىقمىغانلىقتىن، ئوقۇتقۇچىلار بېرلىن ۋىلايىتىدە ئىش تاشلىدى. ئوقۇتقۇچىلار ھەپتە ئىچىدە شىمالىي رېن ۋېستفاليا ۋىلايىتىدىمۇ دەرسلەرگە كىرمەيدۇ.
ئىش تاشلاشقا پەقەت توختاملىق ئوقۇتۇچىلارلا قاتنىشالايدۇ، ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن دۆلەت كادىرى سالاھىيىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ئىش تاشلاشقا قاتنىشالمايدۇ.
ئۇيۇشمىلار بىلەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا 200مىڭ توختاملىق ئوقۇتقۇچىنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرىلەردە ھازىرغىچە نەتىجە ھاسىل بولمىدى.
تەرەپلەر مارت ئېيىدا ئىش مۇزاكىرىلىرىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن قايتىدىن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر