نېتانياھو بىلەن موسادنىڭ تالاش - تارتىشى كۈچەيمەكتە

تالاش – تارتىشلارغا ئىسرائىلىيە جاسۇسلۇق تەشىكىلاتى «MOSSAD»نىڭ سابىق باشلىقى مېر داگانمۇ قاتناشتى.

241126
نېتانياھو بىلەن موسادنىڭ تالاش - تارتىشى كۈچەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھو بىلەن ئىسرائىلىيە جاسۇسلۇق تەشىكىلاتى «MOSSAD» ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىشلار كۈچەيمەكتە.
تالاش – تارتىشلارغا ئىسرائىلىيە جاسۇسلۇق تەشىكىلاتى «MOSSAD»نىڭ سابىق باشلىقى مېر داگانمۇ قاتناشتى.
داگان، نېتانياھۇنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرىگە ئەڭ چوڭ زىيان سالغانلىقىنى ئېيتتى.
داگان، باش مىنىستىر نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا قاراتقان سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، «ئىران مەسىلىسىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرىگە ئەڭ چوڭ زىيان يەتكۈزگەن كىشى دۆلىتىمىز باش مىنىستىرىدۇر» دېدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن «Yediot Ahronot» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان داگان، نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ خاتالىقلار بىلەن تولۇپ تاشقانلىقىنى ئېيتتى.
موسادنىڭ سابىق باشلىقى داگان، نېتانياھۇنىڭ ئامېرىكا يۇقىرى پالاتاسىدا 3 – مارتتا سۆزلەيدىغان نۇتىقىدا، يەنە ئىراننى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ سۆز قىلغان ھادا سۆز قلىپ يۈرىشىنىڭ تولىمۇ مەنىسىز ۋە ئۈنۈمسىز بىر ئىش بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
داگان 2002 – يىلىدىن 2010 – يىلىغىچە موسادنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسنى ئۆتىگەن بولۇپ، ئەينى چاغدىكى سىياسىي رەھبەرلەرنىڭ ئىرانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش تەكلىپلىرىگە قاتتىق قارشى چىققان ئىدى. بىراق شۇنداقتىمۇ دوگاننىڭ مەزگىلىدە موساد ئىراندا نۇرغۇن قېتىم ھەرىكەت ئېلىپ بارغان ۋە 2 نەپەر ئىرانلىق فېزىكا ئالىمى ئىسرائىلىيە جاسۇسلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.
ئۇنىڭ مەزگىلىدە يەنە مۇسادنىڭ خاككىرلىرى ئىران يادرو بازىلىرىغا نۇرغۇن قېتىم تور ھۇجۇمى قىلغان ئىدى

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر