ھايتىدا ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ھايتىدا ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

239051
ھايتىدا ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھايتىدا مىڭلارچە ئادەم دومىنىك جۇمھۇرىيىتىدە ياشاۋاتقان ھايتىلىقلارغا ناچار مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.
ھايتىنىڭ پايتەختى پورت-پىرەنستە تەخمىنەن 10 مىڭ ئادەم دومىنىك جۇمھۇرىيىتىدە ياشاۋاتقان ھايتىلىق كۆچمەنلەرنىڭ ئىرقىي كەمستىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشچىلار ھايتى بايراقلىرى ۋە ئىرقچىلىققا قارشى يېزىلغان لوزۇنكىلارنى ئېلىپ ماڭدى.
دومىنىك جۇمھۇرىيىتى بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ ھايتىلىقلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ھايتىغا نىسبەتەن ماددىي جەھەتتىن تېخىمۇ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان دومىنىك جۇمھۇرىيىتىدە ياشاۋاتقان ھايتىلىق كۆچمەنلەرنىڭ سانى ھازىرچە نامەلۇم. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ دۆلەتتە تەخمىنەن 500مىڭ ھايتىلىقنىڭ ياشىۋاتقانلىقىنى تەخمىن قىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر