ئوباما: ئەسەدنى ھاكىمىيىەتتىن ئېلىپ تاشلاش لازىم

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

237295
ئوباما: ئەسەدنى ھاكىمىيىەتتىن ئېلىپ تاشلاش لازىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما «ئەسەدنىڭ ھاكىمىيەتتىن چۈشۈشى ئىشقا ئاشماي تۇرۇپ سۈرىيەنى ھەقىقىي تۈردە بىر مۇقىملىققا ئىگە قىلىش مۇمكىن ئەمەس» دېدى.
ئوباما ئاقسارايدا قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھامىد ئەل تانى بىلەن كۆرۈشتى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئوباما، «سۈرىيەدە مۆتىدىل قوزغىلاڭچىلارنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.
ئەسەدنىڭ ھاكىمىيەتتىن چۈشۈشى ئىشقا ئاشماي تۇرۇپ سۈرىيەنى ھەقىقىي تۈردە بىر مۇقىملىققا ئىگە قىلىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالغان ئوباما، ئەسەدنى ھاكىيمىيەتتن ئېلىپ تاشلاشنىڭ قېيىنلىقىنى ۋە بۇنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش ھەققىدە قاتار ئەمىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئوباما ئىراقتىمۇ «دائىش»نى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىتىش جەھەتتە قاتار بىلەن قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە «ھامىد ئەل تانى بىلەن ئىراقتا سۇننى، شىئە، كورد قاتارلىق بارلىق خەلقلەرنىڭ بىرلىكتە، تىنچ ھالدا ياشاش شارائىتىغا ئېرىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا تىرىشماقتىمىز» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر