«ئامېرىكا،كانادا ۋە ئەنگلىيەدىكى سودا مەركەزلىرىگە ھۇجۇم قىلىمىز»

«ئەششەباب» تەشكىلاتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، كانادا ۋە ئەنگلىيەدىكى سودا مەركەزلىرىدە تېررورلۇق ھۇجۇمى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى.

228424
«ئامېرىكا،كانادا ۋە ئەنگلىيەدىكى سودا مەركەزلىرىگە ھۇجۇم قىلىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەلقائىدە بىلەن ئالاقىسى بار «ئەششەباب» تەشكىلاتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، كانادا ۋە ئەنگلىيەدىكى سودا مەركەزلىرىدە تېررورلۇق ھۇجۇمى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى.

‹ئەششەباب تەشكىلاتى› تەرىپىدىن تارقىتىلغان سىن كۆرۈنۈشىدە، ھۇجۇم قىلىنىدىغان سودا مەركەزلىرىنىڭ ئىسىملىرىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلدى. سىن كۆرۈنۈشىدە، 2013- يىلى سېنتەبىردە كېنىيەدىكى بىر سودا مەركىزىدە مەيدانغا كېلىپ 67 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇممۇ خاتىرىلىتىلگەن ھالدا، بۇ دۆلەتتىمۇ يېڭى ۋەقەلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى. ئامېرىكا ئىچكى خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مىنىستىرى جېھ جونسون، ئەششەبابنىڭ تەھدىتىگە سەل قارىمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، خەلقنى ھوشيار ۋە ئېھتىياتچان بولۇشقا چاقىردى ۋە بۇ تەھدىتنىڭ خەلقئارا تېررورىزمنىڭ قايسى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

بۇ جەرياندا، تەھدىتلەرگە قارىماي ئامېرىكىدا خەلقنىڭ سودا مەركەزلىرىگە بېرىشتىن ۋاز كەچمىگەنلىكى، سودا – سېتىق ھەجمىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلمىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر