بايدىن ياتسېنيۇك ۋە پوروشېنكو بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو ۋە باش مىنىستىرى ئارسېنىي ياتسېنيۇك بىلەن كۆرۈشتى.

226575
بايدىن ياتسېنيۇك ۋە پوروشېنكو بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايدىن ئۇچرىشىشلاردا، دۆلەتنىڭ شەرقىدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغان بولۇشىغا قارىماي توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقان دېبالتسېۋادا رۇسپەرەسلەرنىڭ ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى. بايدىن، ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى نىشان قىلىنغان ئۈچ تۈرلۈك مىنىسك كېلىشىمىنى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا ئاياغ ئاستى قىلىۋاتقان بۇ ھۇجۇملارغا، ئۇكرائىنا تېرروتېرىيەسىدىكى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ بىۋاسىتە ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
بايدىن، پوروشېنكو ۋە ياتسېنيۇك بىلەن، رۇسىيەنىڭ «بۇ ھەربىي ھەرىكەتلەرنى پەقەت يەرلىك رۇسپەرەسلەرلا قوللاۋاتىدۇ» دېگەندەك سەپسەتىلىرىنى داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقى مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇشقا ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى. ئۇچرىشىشتا يەنە، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ۋە ئېغىر تىپلىق قورال – ياراغلارنىڭ چېكىندۈرۈلۈشىنى تېخىمۇ ياخشى كۆزىتىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى. ئۇكرائىنادا تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا يەكشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، يېقىنقى كۈنلەردە بۆلگۈنچىلەر بۇ شەھەرگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىۋاتاتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر