قاتار بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك يېرىكچىلىك

مىسىر ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ۋە 50 نەپەر گۇناھسىز پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمغا قاتار قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە بۇ ھۇجۇمنى قوللىغان ئەرەب ئىتتىپاقىنىمۇ ئەيىبلىگەن ئىدى.

225812
قاتار بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك يېرىكچىلىك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار قاھىرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتتى.
تېررولۇق تەشكىلاتى دائىش تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان مىسىرنىڭ 21 نەپەر قىبتى پۇقراسى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن لىۋىيە دېڭىز قولتۇقىدا مىسىر ھاۋا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمى پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى ئارىىسدا يېرىكچىلىككە سەۋەب بولدى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى دائىشنىڭ نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلىش ئۈچۈن مىسىر ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ۋە 50 نەپەر گۇناھسىز پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمغا قاتار قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە بۇ ھۇجۇمنى قوللىغان ئەرەب ئىتتىپاقىنىمۇ ئەيىبلىگەن ئىدى.
شۇ قېتىمقى باياتتىىن كېيىن مىسىر ھۆكۈمىتى قاتارنى «تېررولۇق تەشكىلاتىنى قوللىدى» دەپ ئەيىبلدى.
مىسىرنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن قاتار ھۆكۈمىتى 3 ئاي ئىلگىرى قاھىرەگە ئەۋەتكەن باش ئەلچىسىنى مەسلىھەت ئۈچۈن چاقىرىتىپ كەلدى.
پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق تەشكىلاتىمۇ مىسىرنىڭ قاتار ھەقىقىدە ئېلان قىلغان «تېررورلۇقنى قوللىدى» دېگەن باياناتلىرىنىڭ قەتئىي قوبۇل قىلارلىقى يوقلۇقىنى جاكارلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر