ئىيوردانىيەدە 3 مۇسۇلمان ياش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

نامايىشچىلار ئەلچىخانا ئالدىدا شام يېقىپ كېچىكە نۆۋەت تۇتۇش ئارقىلىق ئۆلتۈرۈلگەن 3 نەپەر مۇسۇلمان ياشنى خاتىرىلىدى.

222616
ئىيوردانىيەدە 3 مۇسۇلمان ياش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىدا ئۆلتۈرۈلگەن 3 مۇسۇلمان ياش ئۈچۈن ئىيوردانىيەدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
پايتەخت ئامماندا بىر يەرگە جەم بولغان گۇرۇپپا ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ھەرىكىتىگە قارشى تەدبىر ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.
ئىيۇردانىيە خەلقى شىمالىي كارولىنا ئىشتاتدا ۋەھشىلىك بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن 3 نەپەر مۇسۇلمان ياشنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغان توپلاشتى.
نامايىشچىلار ئەلچىخانا ئالدىدا شام يېقىپ كېچىكە نۆۋەت تۇتۇش ئارقىلىق ئۆلتۈرۈلگەن 3 نەپەر مۇسۇلمان ياشنى خاتىرىلىدى. مۇسۇلمانلارغا قىلىنىۋاتقان ئايرىمچىلىقنى ئەيبىلىگەن نامايىشچىلار بۇ خىلدىكى ھۇجۇملارغا خاتىمە بېرىلىشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلدى.



خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر