ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش يىغىنى ۋاشىنگتوندا چاقىرىلدى

ۋاشىنگتون دۇنيادا كۈچىيىۋاتقان ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىلىرى بويىچە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشنى مەزمۇن قىلىدىغان ئۈچ كۈنلۈك بىر يىغىنغا ساھىبخانلىق قىلماقتا.

221779
ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش يىغىنى ۋاشىنگتوندا چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە يالغۇز ئەسكىرىي ئىستراتېگىيەنىڭلا يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بايدىن، غەرب ئەللىرىدىكى ياشلارنىڭ ئاشقۇنلۇققا يۈزلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارىسىنىڭ كۆچمەنلەرنى خەلق بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈش باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. كۆچمەنلەرنى جەمئىيەت بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ياۋروپا ئەللىرىگە قارىغاندا ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بايدىن، سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ‹بىر گەۋدىلەشتۈرۈش پىلانلىرى› ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكىدىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوبامامۇ مەزكۇر يىغىن دائىرىسىدە پەيشەنبە كۈنى (ئەتە) 60 دۆلەتتىن كەلگەن مېھمانلارغا خىتاب قىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر