ئەنگلىيە مىسىر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئەنگلىيە باش مىنىستىرى كامېرۇن مىسىر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

220928
ئەنگلىيە مىسىر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش مىنىستىرى دېۋىد كامېرۇن، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو، دانىيە باش مىنىستىرى ھېللې تومىڭ سىھمىدىت، مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەس سىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمۇن قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئەنگلىيەنى زىيارەت قىلغان بىرۇنى پادىشاھى ھەسسانال بولكىياخ بىلەنمۇ كۆرۈشتى.
ئەنگلىيە باش مىنىستىرلىك ئىدارىسى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، كامېرۇننىڭ دۇنيا رەھبەرلىرى بىلەن لىۋىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.
باش مىنىستىرلىك ئىدارىسى كامېرۇننىڭ مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەس سىسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئىككى رەھبەرنىڭ تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشتە ئەنگلىيە ۋە مىسىرنىڭ ئورتاق خىزمەتلىرىنى قانداق قىلغاندا كۈچەيتكىلى بولىدىغانلىقلىرى ئۈستىدە توختالغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئەنگلىيەنى زىيارەت قىلىۋاتقان بىرۇنى پادىشاھى ھەسسەنال بولكىيىخ بىلەنمۇ كۆرۈشكەن كامېرۇن، ئەنگلىيەنىڭ بىرۇنىدىكى ھەربىي بازىسى ۋە دائېش (ئى ش ئى د )غا تەۋە ھەربىي بازىلارغا زەربە بېرىپ كېلىۋاتقان خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ خىزمەتلىرى ئۈستىدە توختالدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر