«داۋۇتئوغلۇنىڭ قوللىشى بىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم»

پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شېرىفنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ۋە ئىشكى ئىشلار مەسلىھەتچىسى سەرتاچ ئەزىز، باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇنىڭ پاكىستان زىيارىتى جەريانىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان 4 – نۆۋەتلىك ئىستىراتېگىيەلىك ئالى ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىنىڭ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

220866
«داۋۇتئوغلۇنىڭ قوللىشى بىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم»

بۇ زىيارەتكە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئەزىز، «باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇنىڭ پاكىستانغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلىمىز. شۇڭا داۋۇتئوغلۇنىڭ قوللىشى بىزگە نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى. زىيارەتتە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشى نىشان قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەزىز، تۈركىيەلىك سودا – سانائەتچىلەرنىڭ مول تەجرىبىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە، تۈركىيە بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمى ئۇچرىشىشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر