دۇنيانىڭ دىققىتى ئۇكرائىنادىكى «سەزگۈر» ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدە

دۇنيانىڭ دىققىتى ئۇكرائىنادىكى «سەزگۈر» ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بۇرالدى.

219680
دۇنيانىڭ دىققىتى ئۇكرائىنادىكى «سەزگۈر» ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى بۆلگۈنچى رۇس كۈچلىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىنىپ ئىجرا قىلىنغاندىن باشلاپ، مەزكۇر كېلىشىمگە نەچچە قېتىم خىلاپلىق قىلىپ بولدى.
بۆلگۈنچى رۇس كۈچلىرى بولسا ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلماي تۇنجى بولۇپ ئوق چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. دونېتسىك رايونىدىن سىرت لۇگانسك رايونىدىمۇ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىنغان قىلمىشلارنىڭ سادىر بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھۆكۈمەت قىسىملىرىنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى دەبالتسېيو ناھىيەسىنىڭ ۋەزىيىتىمۇ كەسكىن ھالەتتە تۇرماقتا. بۆلگۈنچى رۇس كۈچلىرىنىڭ ناھىيەنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىۋاتقانلىقلىرى، شۇنداقلا ئۇكرائىنا ھەربىي قىسىملىرىنى كۈشكۈرتۈش ئۈچۈن ئۇلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقلىرى ئۇقتۇرۇلدى.
گېرمانىيە باش مىنسىتىرى ئانگېلا مېركېل، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فىرانسۇا ئولاند، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىزدېنتى پېترو پوروشېنكو قاتارلىق رەھبەرلەر تۈنۈگۈن يىغىن چاقىرىپ، ئۇرۇش توختىتىشتىن كېيىنكى ۋەزىيەت ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈپ، دەبالتسېيو ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىردەك بىلدۈرۈشكەنىدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، ئۇكرائىنانىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مېركېل ۋە پوروشېنكو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمۇنمۇ تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.
بېلوروسىيەىنىڭ پايتەختى مىنسىكتە رۇسىيە، گېرمانىيە، ئۇكرائىنا ۋە فىرانسىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە 15-فېۋرالدىن باشلاپ ئۇرۇش توختىتىشنى بەرپا قىلىش، تەرەپلەرنىڭ ئېغىر تىپلىق قوراللىرىنى ئالدىنقى سەپتىن ئېلىپ كېتىش ۋە ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر