«ئى شى ئى د» ئىراقتا قايتىدىن ھۇجۇم باشلىدى

ئەل باغدادى يېزىسىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنىڭ «دائىش» (ئى شى ئى د) ئەزالىرىنىڭ كونتىروللۇقىغا ئۆتكەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر كەلمەكتە.

218302
«ئى شى ئى د» ئىراقتا قايتىدىن ھۇجۇم باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «دائىش» (ئى شى ئى د) ئىراقتا قايتىدىن ھۇجۇم باشلىدى.
ئىراق ئامانلىقنى ساقلاش مەنبەلىرى، ئەل ئەنباردىكى ئەينەل ئەسەد ھەربىي بازىسىغا كىرىشكە ئۇرۇنغان «دائىش» (ئى شى ئى د) قا تەۋە 8 ئادەم بومبىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ھەربىي بازا جايلاشقان ئەل باغدادى يېزىسىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنىڭ «دائىش» (ئى شى ئى د) ئەزالىرىنىڭ كونتىروللۇقىغا ئۆتكەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر كەلمەكتە. رايوندا «دائىش» (ئى شى ئى د) مىلىتانلىرى بىلەن شىددەتلىك تۇقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.
ئەل باغدادى يېزىسى ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم جاي ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ يېزا 2003 – يىلىدىن بۇيان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان ۋە ھازىرمۇ 320 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەينەل ئەسەد ھەربىي بازىسىغا ئاران 5 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا. بۇ بازىدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىراق ئارمىيەسىگە ھەربىي تەلىم بىرىش ۋەزىپىسنى ئۆتىمەكتە.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى پانتاگون، ھەربىي بازىغا ھازىرچە ھېچقانداق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
«دائىش» (ئى شى ئى د)نىڭ ئەل باغدادى يېزىسىدىكى ئىلگىرىلىشى ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىغا پەرۋاسىز بىر شەكىلدە داۋام قىلماقتا ۋە تەشكىلاتنىڭ ھازىرمۇ ھۇجۇم كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر