سىچېنگېن چېگرا مۇداپىيەسى كۈچەيتىلىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى تۈنۈگۈن بىريۇسسېلدا چاقىرىلدى.

217785
سىچېنگېن چېگرا مۇداپىيەسى كۈچەيتىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىندا، ئۇكرائىنا – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا مىنسكتە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم، گىرېتسىيەنىڭ قەرزى ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
يىغىندا، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە سىچېنگېن چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش قارارى ئېلىندى، ياۋروپا پارلامېنتىدىن ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرىنىڭ يولۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىشى تەلەپ قىلىندى.
يىغىندا يەنە، ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقا ۋە سەھرا رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچىنچى ئەللەر بىلەن تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەمكارلىقىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلىشى، كىشىلىك ھەق – ھوقۇق پائالىيەتلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك قانات يايدۇرۇلۇشىنى تەشۋق قىلىش ئۈچۈن كۈلتۈرلەر ۋە مەدەنىيەتلەر ئارا دىيالوگ ئورنىتىلىشى ھەمدە تېررورىزمنى ئۇزۇقلاندۇرۇۋاتقان كىرىزىس ۋە توقۇنۇشلارنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش نىشان قىلىنغان ئىستىراتېگىيەلىك پىلانلارنىڭ تۈزۈلۈشى تەلەپ قىلىندى.
يىغىندىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى دونالد توسك، مىنسكتە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، ناھايىتى كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇكرائىنادا باشلانغان بۇ تىنچلىق باسقۇچىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن غەيرەت كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇئا ئولاند، ئۇكرائىنا – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا تاشلانغان بۇ قەدەمنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، باسقۇچنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
ئولاند يەنە، پارىژدا ئۆتكەن ئاي يۈز بەرگەن ھۇجۇمدىن كېيىن تاشلىنىدىغان قەدەملەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى، ھۇجۇملارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنماسلىقى ئۈچۈن ھۇشيارلىقنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەدە ئۆستۈرۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، گىرېتسىيە 16 – فېۋرال كۈنىدىكى ياۋرو رايونى مالىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ھارپىسىدا، «تىرويكا» دەپ ئاتالغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى، ياۋروپا مەركەز بانكىسى ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەييارلىق خىزمىتى ئىشلىنىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى.
يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراس بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بولسا مۇرەسسەلىشىش سىگنالى بەردى.
مېركېل، سايلام غەلىبىسى تۈپەيلى ئالېكسىس چىپراسنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراس، يىغىندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، «تېخنىكىلىق ئەترەتلەر دۈشەنبە كۈنى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ياۋرو گۇرۇپپىسىدىن بۇرۇن تەييارلىق خىزمىتى ئىشلەيدۇ. ئەگەر دۈشەنبە كۈنى تېخنىكىلىق كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان تەقدىردە، بۇ سىياسىي كېلىشىم ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جان كىلود يۇنكېر، گىرېتسىيە مەسىلىسىدە ئەندىشىلىك ئىكەنلىكىنى، 16 – فېۋرالدىلى ياۋرو رايونى يىغىنىدىن بۇرۇن ئىشلەشكە تېگىشلىك نۇرغۇن خىزمەتلەرنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر