كارتېر ئامېرىكىنىڭ يېڭى مۇداپىئە مىنىستىرى بولدى

كارتېر ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدە 2011 – يىلىدىن 2013 – يىلىغىچە مۇئاۋىن مىنىستىر بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىدى.

217769
كارتېر ئامېرىكىنىڭ يېڭى مۇداپىئە مىنىستىرى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاشتون كارتېرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىگە تەيىنلىنىشىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پالاتاسى 5 رەت ئاۋازغا قارشى 98 قوللاش ئاۋازى بىلەن تەستىقلىدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما يانۋاردا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چۇك ھاگېل ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا ئاشتون كارتېرنى نامزات كۆرسەتكەن ئىدى.
كارتېر ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدە 2011 – يىلىدىن 2013 – يىلىغىچە مۇئاۋىن مىنىستىر بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن شۇنداقلا ھەم چۇك ھاگېل بىلەن، ھەم ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى لېئون پانېتتا بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلغان ئىدى.
كارتېر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ھەم ئوباما دەۋرىدە، ھەم سابىق پىرېزىدېنت بىل كلىنتون دەۋرىدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدە خىلمۇ خىل مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن بولۇپ، ھەتتا ئاكادىمىك ساھەسى ۋە خۇسۇسىي ساھەلەردىمۇ خىزمەت قىلغان ئىدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر