ئامېرىكا دائېش (ئى ش ئى د) قا قارشى يېڭى ئىجازەتنامە تەييارلىدى

تەشكىلاتقا قارشى تېخىمۇ پائال كۈرەش قىلىش مەقسىتىدە يېڭى سالاھىيەت ئىجازەتنامىسى تەييارلاپ ئامېرىكا پالاتاسىغا سۇندى.

217176
ئامېرىكا دائېش (ئى ش ئى د) قا قارشى يېڭى ئىجازەتنامە تەييارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا بىرلەشمە كۈچلەر دائېش (ئى ش ئى د) سۇرىيە ۋە ئىراقتىكى قارارگاھلىرىنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئوباما ھاكىمىيىتى تەشكىلاتقا قارشى تېخىمۇ پائال كۈرەش قىلىش مەقسىتىدە يېڭى سالاھىيەت ئىجازەتنامىسى تەييارلاپ ئامېرىكا پالاتاسىغا سۇندى.

ئىجازەتنامە، ئەسكىرىي كۈچ ئىشلىتىشكە 3 يىل چەكلىمىسى قويۇش ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمغا قاتناشتۇرۇلۇشىنى مەنئى قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ، تار دائىرىدىكى ئەھۋاللار ئۈچۈن، فىرونتقا ئەسكەر ئەۋەتىلىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ.

ئىجازەتنامىنىڭ دائىرىسى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە ھەربىي ھەرىكەتلىرى بىلەن ماس ھالدا دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىشتا سۇرىيە ۋە ئىراققا ئوخشاش مۇئەييەن ئەللەر بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ.

ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى چارشەنبە كۈنى ئافغانىستاندا دائېش ئۈچۈن ئادەم توپلاپ بېرىۋاتقان بىر گۇرۇپپىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، گۇرۇپپىنىڭ رەھبىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 كىشىنى ئۆلتۈرگەنىدى.

ئىجازەتنامىنىڭ پالاتاغا يوللىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلغان باراك ئوباما، دائېشنىڭ بىخەتەر ماكانلارنى تەسىس قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقلىرىنى ۋە تەشكىلاتنىڭ بۇ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئوباما ئېھتىياج تۇغۇلغاندا ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ دائېشنىڭ لىدېرلىرىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

بۇ جەرياندا ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ ئاق سارايغا تەقدىم قىلىش ئۈچۈن تەييارلاپ چىققان بىر دوكلاتىنىڭ تەپسىلاتى مېدىيا ۋاسىتىلىرىدىن ئورۇن ئالدى. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ھاۋا ھۇجۇملىرى ۋە قۇرۇقلۇقتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەش دائېشقا قېتىلغۇچىلارنى توسۇپ قېلىشتا يېتەرلىك بولمىغان.

ئەڭ يېڭى ئانالىزغا كۆرە، دۇنيانىڭ 90 دۆلىتىدىن كېلىپ دائېشقا قېتىلغانلار سانى 20 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بۇلاردىن 3400 ى غەرب ئەللىرىنىڭ پۇقرالىرى ئىكەن.
دائېشقا قېتىلغان ۋە قېتىلىشقا تىرىشىۋاتقان ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ سانى 150 ئەتراپىدا، دەپ قارالماقتا.

دوكلاتقا كۆرە سۇرىيە ، ئافغانىستان، كەشمىر، چېچىنىيەگە ئوخشاش جايلارنى ئارقىدا قالدۇرغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئەڭ كۆپ چەت ئەللىك جەڭچى توپلىغان توقۇنۇش رايونى بولۇپ قالغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر