سۈرىيەدە 178 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ بەدىلى كۈنسايىن ئېغىرلاشماقتا.

217121
سۈرىيەدە 178 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇرىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ 5- فېۋرالدىن 9- فېۋرالغىچە بولغان ئارىلىقتا شەرقىي غۇتەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا 178 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تەشكىلاتنىڭ دوكلاتىدا، 370 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ %32 ىنىڭ ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان دوكلاتتا، «سانلىق مەلۇماتلار ھاكىمىيەتنىڭ پۇقرالارنى ئوچۇق – ئاشكارا ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

دوكلاتتا يەنە شەرقىي غۇتە ئاھالىسىنىڭ دورا، ئوزۇقلۇق ۋە يېقىلغۇ قىيىنچىلىقى تارتىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

دوكلاتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى (ب د ت خ ك) نىڭ قارارىغا ئاساسەن، رايونغا ياردەم ئەشيالىرىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنغانلىقى، لېكىن، مەزكۇر ياردەملەرنىڭ ئاساسلىقى ھاكىمىيەت تەرەپدارلىرىغا تارقىتىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

سۇرىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن چىقىرىلغان قارارلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئەھۋالىنى كۈزىتىشىنى تەلەپ قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر