پاكىستاننىڭ گىۋادار شەھىرى بىلەن قەشقەر تۇتاشتۇرۇلماقچى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ پاكىستان زىيارىتىدە، پاكىستاننىڭ پورت شەھىرى گىۋاداردىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى قەشقەر شەھىرىگىچە بولغان تاشيول، تۆمۈر يول ۋە باشقا ئۇل – ئەسلىھە لايىھەلىرىنىڭ ئۈچ يىل ئىچىدە تاماملىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

217244
 پاكىستاننىڭ گىۋادار شەھىرى بىلەن قەشقەر تۇتاشتۇرۇلماقچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى: «ئافغانىستاندا تالىبانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق گۇرۇپپىلارنىڭ مۇرەسسەلىشىشىنى قوللايمىز» دېدى. ئۇ ئىككى كۈنلۈك زىيارەت ئۈچۈن يېتىپ كەلگەن پاكىستاندا، پاكىستان باش مىنىستىرىنىڭ مىللىي خەۋپسىزلىك ۋە تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى سارتاج ئەزىز بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، پاكىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە خەۋپسىزلىك ساھەلىرىدە ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئىقتىسادىي كارىدور لايىھەلىرىنى تېز سۈرئەتتە تاماملاش ھەققىىدە پۈتۈشتۇق. ئىقتىسادىي كارىدوردىن پاكىستان خەلقىمۇ پايدىلىنىدۇ. پاكىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر كېيىنكى كۈنلەردە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ يېقىندا پاكىستاننى زىيارەت قىلىدۇ. بىز بۇ زىيارەت ھەققىدە تەپسىلىي سۆزلەشتۇق. شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى پاكىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئورتاق كېلەچەكنىڭ سىمۋولى بولىدۇ. ئىقتىسادىي ۋە خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىمىز ۋە ئورتاق بىخەتەرلىكىمىزنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن ‹تېررورلۇق› قا قارشى كۈرەشتە ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىمىز.»
ئۇ ئافغانىستان ھەققىدە توختىلىپ، ئافغانىستاننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پاكىستان بىلەن بىرلىكتە ئىزچىل ياردەم قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى. ئۇ ئافغانىستاندا خاتىرجەمسىزلىك دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە: «خەلقئارا جەمئىيەت ئافغانىستاندا قۇرۇلغان ھۆكۈمەتنى قوبۇل قىلىپ، ئافغانىستاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك» دېدى. ۋاڭ يى ئافغانىستاننىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويغانلىقىنى تەكىتلەپ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «ئافغانىستاندا سىياسىي جەھەتتىن مۇرەسسەلىشىش ۋە قايتا قۇرۇلۇش مۇساپىسىنى ئىزچىل قوللايمىز. ئافغانىستاندا تالىبانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق گۇرۇپپىلارنىڭ مۇرەسسەلىشىشىنى قوللايمىز. ئافغانىستاننىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى ۋە سىياسىي جەھەتتىن مۇرەسسەلىشىش ئىنتايىن مۇھىم. خىتاي مۇرەسسەلىشىش مۇساپىسىغا داۋاملىق ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدۇ.»
پاكىستان باش مىنىستىرىنىڭ مىللىي خەۋپسىزلىك ۋە تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى سارتاج ئەزىز، تېررورلۇقنىڭ دۇنيانىڭ خاتىرجەملىكى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن ئورتاق تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ خىتاي بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ۋە ئۇل – ئەسلىىھە لايىھەلىرى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ پاكىستاننىڭ پورت شەھىرى گىۋاداردىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى قەشقەر شەھىرىگىچە بولغان تاشيول، تۆمۈر يول ۋە باشقا ئۇل – ئەسلىھە لايىھەلىرىنى ئۈچ يىل ئىچىدە تاماملاشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر