خىتايدا ئاپتوبۇس ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ يەتتە ئادەم ئۆلدى
خىتايدا ئىشچىلارنى ئېلىپ مېڭىۋاتقان بىر ئاپتوبۇسنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە يەتتە ئادەم ئۆلدى، 14 ئادەم يارىلاندى.
215374
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شەندۇڭنىڭ لىن يى شەھىرىدىكى مىڭشەن ساياھەتچىلىك ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان ئىشچىلارنى توشۇۋاتقان ئاپتوبۇس ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، مەزكۇر ۋەقە يۈز بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، يارىدارلار دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان بولۇپ، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا ئىكەن.