ئىراقتا يانۋار ئېيىدىلا 1375 ئادەم ئۆلگەن

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) يانۋار ئېيىدا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئى ش ئى د) بىلەن چىققان توقۇنۇشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى ئېلان قىلدى.

207023
ئىراقتا يانۋار ئېيىدىلا 1375 ئادەم ئۆلگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئىراققا ياردەم قىلىش كومىتېتى، ئىراقتا يانۋار ئېيىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 1375 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 2240 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئاۋستىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 150 پۇقراسىنىڭ ئىراق بىلەن سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قېتىلغانلىقىنى بىلدۈردى. مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، بۇ كىشىلەر ئاۋستىرىيەگە قايتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كېرەكلىك خىزمەتلەرنىڭ قىلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
ئاۋستىرالىيە ئى ش ئى د نىڭ ئافغانىستاندىكى ھەرىكەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى. ئاۋستىرالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جۇلى بىشوپ، تالىبان بىلەن ئى ش ئى د ئارىسىدا ئالاقە بارلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى قولغا چۈشۈرگەنلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىراقنىڭ ساماررا شەھىرىدە ئى ش ئى د بىلەن چىققان توقۇنۇشلاردا ئالتە ئادەم ئۆلدى، 28 ئادەم يارىلاندى.
كەركۈكتە بولسا، ئى ش ئى د قولغا كىرگۈزۈۋالغان ھاببازە نېفىت قۇدۇقى قايتىدىن كورد قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. ئى ش ئى د نېفىت قۇدۇقىدا گۆرۈگە ئالغان 25 خىزمەتچى قۇتقۇزۇۋېلىندى. باغدادتا يۈز بەرگەن ئادەمبومبا ھۇجۇمىدا بولسا، ئالتە ئۆلدى.
ئىراق ھۆكۈمىتى ئى ش ئى د غا قارشى كۈرەشتە پايدىلىنىش ئۈچۈن رۇسىيەدىن تىك ئۇچار سىتىۋالدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر