ئەنگلىيەدە 20دىن ئارتۇق جامە كەڭ جامائەتچىلىككە ئېچىۋېتىلدى
ئەنگلىيەدىكى 20دىن ئارتۇق جامە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلام كىشىلىرىگە ئېچىۋېتىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەدىكى 20دىن ئارتۇق جامە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلام كىشىلىرىگە ئېچىۋېتىلدى.
فىرانسىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرى سەۋەب بولغان سۈركىلىشلەردىن كېيىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «جامىيىمىزنى زىيارەت قىلىڭلار» پائالىيىتىدە زىيارەتچىلەرگە ئىسلامىيەت ۋە جامەلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.
فىرانسىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان ئىسلامغا قارشى قىلمىشلار ئەنگلىيەدىكى مۇسۇلمانلارنى ھەرىكەتلەندۈردى. لوندۇن بولۇپ بەزى شەھەرلەردە جامەلەر غەيرى مۇسۇلمانلارغىمۇ ئېچىۋېتىلدى.
بىرىتانىيە مۇسۇلمانلار كېڭىشى جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەبىقە كىشىلىرىنىڭ ئىسلامغا بولغان بىر تەرەپلىمە قاراشلارنى تۈگىتىش ۋە جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ بىر-بىرلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن جامەلەردە ئۇچرىشىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى. زىيارەتچىلەرگە ئىسلامىيەت، جامەلەر ۋە ئىبادەتخانىلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىدۇ، شۇنداقلا ئىسلامنىڭ تېررورىزىمغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى، تېررورلۇق ھۇجۇملىرى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلىقى تەكىتلىنىدۇ. جامەلەرگە باشقا دىنلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپ قىلىنىدۇ.