مىسىردا 183 ئادەم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى

مىسىردا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىغا ئەزا 183 كىشى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

206884
مىسىردا 183 ئادەم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردىكى بىر سوت مەھكىمىسى ‹قىرداسە قىرغىنچىلىقى› دېلوسى دائىرىسدە سوتلىنىۋاتقان 183 كىشىنى 2013- يىلى يۈز بەرگەن ۋەقە جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەن 16 ساقچىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ جاۋابكارى، دەپ بېكىتىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى.

بۇ دېلوغا چېتىشلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 18ياشتىن كىچىك بىر ياش 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

2013- يىلى ئىيۇلدا سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن مۇھەممەد مۇرسىنىڭ ئاغدۇرۇپ تاشلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ ساندا تەشكىلات ۋە ئورگان نامايىش ئۆتكۈزگەن، ساقچى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ مەزكۇر نامايىشلارغا قاتتىق مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە مىڭلارچە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

بۇ جەرياندا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان نۇرغۇن كىشىلەر سوتلاندى؛ ئىيۇن ئېيىدىمۇ 188 ئادەم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانىدى.

مىسىر قانۇنلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە،سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمنامىلىرى مۇپتىلىققا يوللىنىپ، مۇپتىنىڭ پىكرى ئېلىنغاندىن كېيىن سوت مەھكىمىسىگە قايتۇرۇلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر