پاكىستاندا يۈز بەگەن ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 40 قا يەتتى
پاكىستاننىڭ سىندى ئۆلكىسىدە بىر جامەدە جۈمە نامىزى جەريانىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 40 قا يەتتى.
203392
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شىكارپۇر رايوندىكى مەۋلا كەربالا جامەسىدە 300 كىشى ناماز قىلىۋاتقاندا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبا پارتلاپ، نارىسىدە بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا كىشى يارىلانغان. يارىلانغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەۋھالى ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن ئاقىۋەتتىن ئەندىشە قىلىنماقتا.
پىرېزىدېنت مەمۇن ھۈسەيىن بىلەن باش مىنىستىر ناۋاز شېرىف قانلىق ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلىشتى.