بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋىيەدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى لىۋىيەنىڭ پايتەختى ترابلۇستىكى بىر مېھمانسارايدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

199375
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋىيەدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ تۇتۇلۇپ ئادالەتكە تاپشۇرۇلۇشى لازىملىقى تەلەپ قىلىندى.
باياناتتا، لىۋىيەدىكى بارلىق تەرەپلەردىن دۆلەتتە بىخەتەرلىك ۋە سىياسىي مۇقىملىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك چارە باسقۇچىنى قوللىشى مۇراجىئەت قىلىندى.
لىۋىيەنىڭ پايتەختى ترابلۇستا تۈنۈگۈن نىقابلىق ۋە قوراللىق كىشىلەر بىر مېھمانسارايغا ھۇجۇم قىلغان، ۋەقەدە 5 ى چەت ئەللىك بولۇپ، جەمئىي 9 كىشى قازا قىلغان، ئۆلگەنلەرنىڭ بىرىنىڭ ئامېرىكىلىق، يەنە بىرىنىڭ بولسا فىرانسىيەلىك ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنغانىدى.
جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئى ش ئى د نىڭ لىۋىيە تارمىقى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ھۇجۇم جەريانىدا ترابلۇس ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئۆمەر ئەلخاسىنىڭمۇ مېھمانسارايدا بارلىقى، بىراق ئامان – ئېسەن سىرتقا چىقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى. ۋەقە يۈز بەرگەن چاغدا ئاساسىي جەھەتتىن بوش بولغان مېھمانسارايدا تۈركىيەلىك، ئىتالىيەلىك ۋە ئەنگلىيەلىك مېھمانلار بار ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر