ئى ش ئى د گە قارشى كۈرەشلەردە 58 شىئە ئەسكىرى ئۆلدى

ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ھۇجۇملاردا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى.

197445
ئى ش ئى د گە قارشى كۈرەشلەردە 58 شىئە ئەسكىرى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ دىيالا شەھىرىگە قاراشلىق ئىككىنچى چوڭ ناھىيەسى مۇقدادىييە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇلدى.
ھەربىي ھەرىكەتلەر ئەسناسىدا ئىراق ئارمىيەسى بىلەن شىئە ئەسكەرلەردىن تەشكىل تاپقان قىسىملاردىن 58 كىشى ئۆلدى، نۇرغۇن كىشى ئېغىر يارىلاندى.
بۇ ئارىلىقتا، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى گۆرۈگە ئېلىنغان ياپونلاردىن بىرىنى ئۆلتۈردى. تەشكىلات گۆرۈگە ئېلىنغۇچىلارنى قايتۇرۇپ بېرىش بەدىلىگە ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن 72 سائەت ئىچىدە 200 مىليون دوللار تەلەپ قىلغانىدى. تەشكىلات گۆرۈگە ئېلىۋالغان يەنە بىر ياپون ئۈچۈن ئىئوردانىيەدە قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بىر ئايال بىلەن ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا. ياۋروپا بولسا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قاتتىق زەربە بېرىش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق كۆرمەكتە.
ئىسپانىيە ساقچىلىرى 4كىشىنى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئالدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر