«رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمى داۋاملىشىۋەرسە بەدىلى ئېغىر بولىدۇ»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمى داۋاملاشقان تەقدىردە بەدىلىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

197078
«رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمى داۋاملىشىۋەرسە بەدىلى ئېغىر بولىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، جون كېررىي لاۋروغا ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبىدىكى مارىيۇپول شەھىرىدە رۇسىيە تەرەپدارى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ھۇجۇم قوزغىشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكىنى يەتكۈزۈپ قويغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
كېررىي رايوندا دەرھال ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشى ۋە چېگرىنىڭ تاقىۋېتىلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى. رايوندا توقۇنۇشلارنى توختىتىشنىڭ ھەممە تەرەپكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن كېررىي، ۋاشىنگىتوننىڭ كېلىشىم تۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.
جون كېررىي لاۋروغا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى مۇشۇ پېتى داۋاملىشىۋەرسە بۇنىڭ بەدىلىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئىككى مىنىستىر يەنە بۈگۈن موسكوۋادا باشلىنىدىغان سۈرىيەدە تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرى يىغىنى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.
ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبىدىكى مارىيۇپول شەھىرىنىڭ ۋوستوشنې رايونىغا ئۆتكەن شەنبە كۈنى قىلىنغان ھۇجۇملاردا 30 ئادەم ئۆلۈپ، 103 ئادەم يارىلانغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا، كاتولىك ئالىمىنىڭ روھانىي رەھبىرى پاپا فىرانسىس يەكشەنبە كۈنى قىلغان ئانگېلۇس دۇئاسىدىن كېيىن ئۇكرائىنىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە مەخسۇس توختىلىپ، ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، رايوندا دۈشمەنلىكنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە دىئالوگلارنىڭ بۇرۇنراق باشلىنىشى ئۈچۈن دۇئا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر