يەمەندە ھۆكۈمەت بىلەن پىرېزىدېنت ئىستېپا بەردى

يەمەندە ھۆكۈمەت بىلەن پىرېزىدېنتنىڭ ئىستېپانامىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان يىغىن كىچىكتۈرۈلدى.

196666
يەمەندە ھۆكۈمەت بىلەن پىرېزىدېنت ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندە ھۆكۈمەت بىلەن پىرېزىدېنت ئابدۇراببۇ مەنسۇر ھادىنىڭ ئىستېپا ئىلتىماسى كېڭەش قىلىنىدىغان يىغىننىڭ ۋاقتى كېچىكتۈرۈلدى.
مەجلىس ھەيئىتى پىرېزىدېنت ھادى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپا بېرىشىگە قارىتا جىددىي يىغىن چاقىرىشنى تەلەپ قىلغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر يەرگە كېلىشى ئۈچۈن ۋاقىت كېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
يىغىندا مەجلىسنىڭ پىرېزىدېنت ھادى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلىپ قىلماسلىق ھەققىدە ئېنىق قارار بېرىشى كۈتۈلمەكتە. ئۇزۇن زاماندىن بۇيان توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقان يەمەندە، ھۇسىلەر بىلەن پىرېزىدېنت مەنسۇر ھادى ئوتتۇرىسىدا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، تىنچلىق ۋە مەملىكەتلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسىلىلىرىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانىدى.
بىراق تەرەپلەر مۇرەسسەلەشكەندىن كېيىن خالىد مەھفۇز باھھاھ باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت ۋە پىرېزىدېنت ھادى ئىستېپا بەردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر