ئىران پەلەستىنگە قورال-ياراغ ياردەم قىلىدۇ

ئىران پەلەستىنگە قورال-ياراغ ياردەم قىلىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.

194823
ئىران پەلەستىنگە قورال-ياراغ ياردەم قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پەلەستىننىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى رايونىنى ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش قوراللاندۇرىدۇ.
ئىران مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇسەيىن دەھكان بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى رايونىنى قوراللاندۇرۇش ئىراننىڭ ئاساسلىق ھەربىي سىياسىتى بولۇپ، بىز بۇ يولدا بارلىق شارائىتىمىزدىن تولۇق پايدىلىنىشقا تىرىشىمىز.»
ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ھىزبۇللاھ ئەزالىرىنى خاتىرىلەپ پايتەخت تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا سۆز قىلغان دەھكان، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا دەل ۋاقىتىدا تاقابىل تۇرالايدىغان قوراللارنى لايىھىلەپ چىقىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ، «سىيونىستلارنىڭ ھۇجۇمىغا چوقۇم جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ» دېدى.
دەھكان ئىرانغا قارىتىلغان ھەربىي ھۇجۇم تەھدېتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئامېرىكىلىقنىڭ جاسارىتى بولسا قېنى ھۇجۇم قىلىپ باقسۇن.»
ئىران دىنى رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى ھامانېيمۇ نويابىردا: «ئىسرائىلىيەگە قارشى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىمۇ غەززەگە ئوخشاش قوراللىنىشى، شۇنداقلا مۇداپىئەگە تەييار بولۇشى كېرەك» دېيىش ئارقىلىق، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ قوراللاندۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنىڭ ئىشارىتىنى بەرگەنىدى.
ئىران ھاكىمىيىتى پەلەستىنلىكلەرگە قورال-ياراغ ياردەم قىلغانلىقلىرىنى تۇنجى قېتىم بۇلتۇر ئىيۇلدا جاكارلىغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا، تېھران سۈرىيەگە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
ئىران ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى مۇئاۋىن باشلىقى گېنېرال ئىزەدى، ئىراننىڭ «ئىسرائىلىيە تەھدېتىگە قارشى بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن سۈرىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە مەسلىھەت بېرىشنى» داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر