تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەمەندىكى تەرەپلەرنى سوغۇققان بولۇشقا

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەمەندە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرۇلۇق تەرەپلەرنى قانۇنلۇق دۆلەت ئورگانلىرىغا ھۆرمەت قىلىش، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن ساقلىنىش ۋە دۆلەتنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن سوغۇققان ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا چاقىردى.

191108
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەمەندىكى تەرەپلەرنى سوغۇققان بولۇشقا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، يەمەندە سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچنىڭ تاماملىنىپ مىللىي دىيالوگ ۋە مۇرەسسەلىشىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان يېڭى قانۇن لايىھەسى پىرېزىدېنتقا سۇنۇلغان بىر پەيتتە، 17 – يانۋار كۈنى پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئالاھىدە ئىشلار مۇدىرى گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغاندىن كېيىن پىرېزىدېنت سارىيى ئەتراپىدا باشلانغان توقۇنۇشلاردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا، بارلىق تەرەپلەر قانۇنلۇق دۆلەت ئورگانلىرىغا ھۆرمەت قىلىش، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن ساقلىنىش ۋە دۆلەتنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن سوغۇققان ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا چاقىرىق قىلىندى، بارلىق تەرەپلەر مىللىي دىيالوگ ۋە 2014 – يىلى 21 – سېنتەبىر كۈنى ئىمزالانغان تىنچلىق ۋە مىللىي ئورتاقلىق كېلىشىمىگە ئەمەل قىلغاندىلا ئاندىن دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى قايتىدىن ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر