ب د ت: ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىندى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.

191693
ب د ت: ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ ھىزبۇللاھ ئاپتوموبىلىغا قىلغان ھۇجۇمى ھارپىسىدا ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن كېلىپ سۈرىيە تەرەپكە قاراپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دائىرىلىرى گولان ئېگىزلىكىدە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بولۇشىنىڭ 1974 – يىلقى ئىسرائىلىيە – سۈرىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈركىلىشنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدىغان قەدەملەردىن ساقلىنىشى توغرۇلۇق رايوندىكى بارلىق تەرەپلەرنى ئاگاھلاندۇردى.
ئىسرائىلىيە كۇنەيترا شەھىرىدە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ھىزبۇللاھ ئاپتوموبىلىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئىرانلىق بىر گېنېرال بىلەن ھىزبۇللاھنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك 6 نەپەر ئەزاسى قازا قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر