BBC تارقىتىش پىرىنسىپلىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە باشلىدى

BBC مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەسۋىرلەنگەن رەسىملەرنى تارقىتىشنى مەنئى قىلىدىغان تارقىتىش پىرىنسىپلىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر ھەققىدە بايانات بەردى.

376592
BBC تارقىتىش پىرىنسىپلىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە مېدىيا ئورگىنى BBC نىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەسۋىرلەنگەن رەسىملەرنى تارقىتىشنى مەنئى قىلغان ئىچكى تارقىتىش پىرىنسىپلىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن BBC ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى مەسئۇلى جېيمس ساۋورس، «بۇ پىرىنسىپلار كونا بولۇپ، ئىناۋەتلىكلىكىنى يوقىتىپ بولدى. (بۇ تارقىتىش پىرىنسىپلىرى) BBC نىڭ پىروگرامما تەييارلىغۇچىلىرىنىڭ (مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ سەزگۈر مەسىلىلەر ئايرىم مۇزاكىرە قىلىشى توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا) ئۆز قارارلىرىنى ئىجرا قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان پوزىتسىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ. تارقىتىش پىرىنسىپلىرىمىز نۆۋەتتە ئىسلاھ قىلىنماقتا» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ئەنگلىيە پوچتىسى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە خەۋەردە، BBC نىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان ‹ھەرقانداق ئەھۋالدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ رەسىملەشتۈرۈلمەسلىكى كېرەكلىكى› توغرىسىدىكى تارقىتىش پىرىنسىپىنىڭ بولۇشىغا قارىماي، ئۆتكەن ھەپتە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ‹چارلى ھېبدو› نىڭ بۇ ھەقتىكى ھەجۋىي رەسىملىرىنى تارقاتقانلىقى ئەسلىتىپ ئۆتۈلدى. خەۋەردە، BBC نىڭ «جىمجىت ھالدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ رەسىملەشتۈرۈلمەسلىكى توغرىسىدىكى چەكلىمىسىنى بىكار قىلغانلىقى» تەكىتلەندى، BBC نىڭ بولسا، مەزكۇر چەكلىمىنى ئۆتكەن ھەپتە پارىژدا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمدىن ئىلگىرى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر