موقدىشۇدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتى تەشكىلاتى، سومالىنىڭ پايتەختى موقدىشۇدا ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى تىنچلىق ساقلاش قىسمى ئەسكەرلىرىنىڭ بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى.

161295
موقدىشۇدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلقائىدە بىلەن چېتىشلىقى بار تەشكىلاتنىڭ 8 مىلىتانى تۈنۈگۈن موقدىشۇدىكى ھالانە بازىسىدا يېڭى يىلنى تەبرىكلەۋاتقان ئەسكەرلەرگە ھۇجۇم قىلدى.
ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ باياناتچىسى، مىلىتانلارنىڭ بازىغا بېسىپ كىرگەنلىكى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 5 مىلىتاننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 3 ىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. توقۇنۇشتا، تىنچلىق ساقلاش قىسمى ئەسكەرلىرىدىن ئۆلۈپ - ئۆلمىگەنلىكى توغرۇلۇق ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى. ئۇگاندا، كېنىيە، جىبۇتى، بۇرۇندى ۋە ئېفىيوپىيە ئەسكەرلىرىدىن تەشكىل تاپقان قىسىم، ئەششەباب تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە سومالى ئارمىيەسىگە ياردەم بەرمەكتە. تەشكىلات، ئالدىنقى ھەپتىلەردە موقدىشۇ يېزىلىرىدا 25 ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەن، 30 ىنى يارىلاندۇرغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر