ئامېرىكا باغدادتا مەيدانغا كەلگەن قانلىق ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

160084
ئامېرىكا باغدادتا مەيدانغا كەلگەن قانلىق ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادنىڭ ئەلمەدائىن رايونىدا مائاش ئېلىش ئۈچۈن ئۈچرەتتە تۇرۇۋاتقان كۆپ ساندا ئەسكەرنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئۆلۈپ كەتكۈچىلەرنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى، يارىدارلارغا شىپالىق تىلەندى.

ئامېرىكىنىڭ ئى ش ئى د قا قارشى كۈرەشتە ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، بىر پۈتۈن ئىراقنى بەرپا قىلىپ چىقىش مۇساپىسىدە ۋاشىنگتوننىڭ ئىراقلىقلارنى قوللىشىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر