خوڭكوڭدا يولغا دوللار چېچىلىپ كەتتى

ئامانلىق قوغداش شىركىتىنىڭ ئاپتوموبىلى قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ، پۇل قويۇلغان ساندۇقلارنىڭ بەزىلىرى يولغا چۈشۈپ چېقىلدى ۋە ئىچىدىكى پۇل يولغا چېچىلىپ كەتتى.

159569
خوڭكوڭدا يولغا دوللار چېچىلىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوڭكوڭدا پۇل توشۇغان بىر ئاپتوموبىل قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ، بىر قانچە مىليون دوللار چېچىلىپ كەتتى.
يولدىن ئۆتۈۋاتقانلار ئاپتوموبىللىرىدىن چۈشۈپ، يولدىكى پۇللارنى توپلىدى. خوڭكوڭنىڭ ئاۋات كوچىلىرىدىن بىرىدە يۈز بەرگەن كىچىككىنە ۋەقە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
بىر ئامانلىق قوغداش شىركىتىنىڭ ئاپتوموبىلى قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ، پۇل قويۇلغان ساندۇقلارنىڭ بەزىلىرى يولغا چۈشۈپ چېقىلىپ كەتتى. بۇنى كۆرگەن ئەتراپتىكى كىشىلەر دەرھال پۇل توپلاشقا باشلىدى. پۇل توپلاش ئۈچۈن توختىتىلغان ئاپتوموبىللار سەۋەبىدىن يولدا قاتناش توختاپ كەتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ساقچىلار ۋەقە يۈز بەرگەن جاينى قورشاپ، پۇل توپلىدى. ئەمما، چېچىلىپ كەتكەن 4 يېرىم مىليون دوللارنىڭ ئۈچتىن بىرى تېپىلمىدى.
مەسئۇل دائىرىلەر، پۇل توپلىغانلارنىڭ «ئوغرىلىق جىنايىتى» ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ، پۇللارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر