شىمالىي كورېيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلدى

شىمالىي كورېيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى تۇنجى قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە كۈنتەرتىپكە كەلدى.

156739
شىمالىي كورېيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى شىمالىي كورېيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىنىش – ئېلىنماسلىق مەسىلىسىنى ئاۋازغا قويدى. 15 ئەزاسى بار كېڭەشتە ئېلىپ بېرىلغان ئاۋازغا قويۇشتا، 11 دۆلەت مەسىلىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشىنى قوللىدى، رۇسىيە بىلەن خىتاي رەت قىلدى. چاد بىلەن نىگېرىيە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.
ب د ت مۇئاۋىن باش كاتىپى ئىۋان سىمونوۋىچ شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ، «ئومۇملاشقان ۋە سىستېمىلىق» شەكىلدە قىيىن – قىستاق، باسقۇنچىلىق، ئاچ قويۇپ قىيناش ۋە قۇل قىلىش قاتارلىق «سۆز بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان» جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ بۇ دوكلاتتا ئېنىقلانغان جىنايەتلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ «ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايەت» كاتېگورىيەسىگە كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىنغا، شىمالىي كورېيە دىپلوماتلىرى قاتناشمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر