پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ يىقىنلىرى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ يېقىنلىرىنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويمايۋاتقانلىقىنى ئېيتقان نامايىشچىلار مەھبۇسلارنىڭ دورا ۋە يېمەك - ئىچمەك يېتىشمەسلىك قېيىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇنداق ۋەزىيەتتە تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

156393
پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ يىقىنلىرى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە -تاۋابىئاتلىرى غەززەدە نامايىش ئۆتكۈزدى.
خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئىشخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن مەھبۇسلارنىڭ يېقىن - يورۇقلىرى قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا چاقىرىپ ئېلان قىلىپ، پەلەستىنلىكلەر يېتىۋاتقان تۈرمىلارنىڭ شارائىتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشى كېرەكلىكىنى، ناھەق قولغا ئېلىشلارغا خاتىمە بېرىلىشى ۋە يېقىنلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئىسرائلىيە تۈرمىلىرىگە بېسىم ئىشلىتىشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلدى.
تۈرمىدىكى يېقىنلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان يېقىنلىرى تەلەپلىرىنى شوئارلارغا قېتىپ ئۈنلۈك توۋلىدى.
تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ يېقىنلىرىنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويمايۋاتقانلىقىنى ئېيتقان نامايىشچىلار مەھبۇسلارنىڭ دورا ۋە يېمەك - ئىچمەك يېتىشمەسلىك قېيىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇنداق ۋەزىيەتتە تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.
پەلەستىن مەھبۇسلار مىنىستىرلىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ تۈرمىلىرىدە 500 نەپىرى غەززەدىن بۇلۇپ، جەمئىي 7 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك مەھبۇسنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر