شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى باشلىدى

قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى باشلىدى

148929
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا باشلانغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنىدا ئېلىنغان قارارلارنى قازاقىستان باش مىنىستىرى ماسىۋو بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى دىمىترى مېزېنتسېۋ قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېلان قىلىدۇ.
قازاقىستان مۇستەقىللىق سارىيىدىكى يىغىندىن كېيىن خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچىياڭ، رۇسىيە باش مىنىستىرى دىمىترى مېدۋېدېۋ، قازاقىستان باش مىنىستىرى كەرىم مەسىموۋ، قىرغىزىستان باش مىنىستىرى كومارت ئوتوربايېۋ، تاجىكىستان باش مىنىستىرى كوكخىر راسۇلزودا، ئۆزبېكىستان بىرىنچى مۇئاۋىن باش مىنىستىرى رۇستەم ئازىموۋ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن 1996-يىلى قۇرۇلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئۆزبېكىستان 2001-يىلى قوشۇلدى. تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرى مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش، تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك، رادىكاللىق ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچلىكىگە قارشى كۈرەش قىلىش، ئىقتىساد،ئېنېرگىيە ، ئىلمىي ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.
دۇنيا نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشلىتىش بازىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەر ئەزا بولغان تەشكىلاتتا ھىندىستان، ئىران، موڭغۇلىيە ۋە پاكىستان كۆزەتكۈچى سالاھىيىتى بىلەن ئورۇن ئالىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر