مېكسىكىدا 43 ئوقۇغۇچىنىڭ يوقاپ كېتىشى ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەت

مېكسىكىدا 43 ئوقۇغۇچىنىڭ يوقاپ كېتىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن نامايىشلاردا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار توقۇنۇشتى.

149378
مېكسىكىدا 43 ئوقۇغۇچىنىڭ يوقاپ كېتىشى ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكىنىڭ گېررېرو ئۆلكىسىدە سېنتەبىر ئېيىدا يوقاپ كەتكەن 43 ئوقۇغۇچىنى خاتىرلەپ ئۆتكۈزۈلىدىغان كونسېرتتىن ئىلگىرى، نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.
يۈزىگە ماسكا تاقىۋالغان بىر كىشىنىڭ يۈك ماشىنىسى بىلەن ساقچىلارنىڭ ئارىسىغا كىرىشى نەتىجىسىدە 5 نەپەر ساقچى يارىلاندى. توقۇنۇشتا 8ى ساقچى بولۇپ جەمئىي 20 ئادەم يارىلاندى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوقاپ كېتىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن نامايىشلار مېكسىكىدا ئۆكتەبىر ئېيىدىن بۇيان تەخمىنەن 23 مىليون دوللار ئىقتىسادى زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر