پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش قانۇن تەكلىپى بىريۇسسېلدا تەستىقتىن ئۆت

قارارنامىدا پەلەستىن دۆلىتىنى بېلگىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 1967 – يىلى بەلگىلەنگەن تېروتورىيە بويىچە ئېتىراپ قىلىشىغا دائىر چاقىرىق ئورۇن ئالدى.

147554
پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش قانۇن تەكلىپى بىريۇسسېلدا تەستىقتىن ئۆت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىريۇسسېل رايونلۇق پارلامېنتى بېلگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىننى دەرھال ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.
فېدېرال ھۆكۈمەتنى پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىق قىلغان قانۇن تەكلىپى قارارى بىريۇسسېل پارلامېنتىدىكى راي سىناشتا 11 رەت ئاۋازغا قارشى 56 قوللاش ئاۋزى ۋە 12 بىتەرەپ ئاۋاز بىلەن رەسمىي قوبۇل قىلىندى.
قارارنامىدا پەلەستىن دۆلىتىنى بېلگىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 1967 – يىلى بەلگىلەنگەن تېروتورىيە بويىچە ئېتىراپ قىلىشىغا دائىر چاقىرىق ئورۇن ئالدى.
بىريۇسسېل پارلامېنتىدا زور پەرق بىلەن تەستىقتىن ئۆتكەن قارارنامىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي قۇددۇس ۋە ئىيوردانىيەنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئولتۇراق رايون قۇرۇلىشى پائالىيەتلىرى قاتتىق ئەيىبلەندى.
قانۇن تەكلىپىدە ياروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ماشسلىشىشچان بىر شەكىلدە پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشى لازىمقى تەلەپ قىلىندى.
قانۇن تەكلىپىنىڭ 2015 – يىلىنىڭ باشلىرىدا ئومۇمىي كېڭەشتە ئاۋازغا قويۇلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر