ئامېرىكا: CİA نىڭ قىيىن - قىستاقلىرى چەكتىن ھالقىپ كەتكەن

ئامېرىكا پالاتاسىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى تەشكىلاتىنى تەكشۈرۈش كومىتىتى كۈتۈلۈۋاتقان قىيىن – قىستاق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

143271
ئامېرىكا: CİA نىڭ قىيىن - قىستاقلىرى چەكتىن ھالقىپ كەتكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دوكلاتتا، ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى – CIA نىڭ ئېغىر قىيىن – قىستاققا ئېلىش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلانغان بولۇشىغا قارىماي، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارشى يېتەرلىك دەرىجىدە ئاخبارات توپلىيالمىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. خىزمەت ئىستىلىگە دائىر ئەيىبلەشلەر ئورۇن ئالغان دوكلاتتا، رەسمىي دائىرىلەرنىڭ قايمۇقتۇرۇلغانلىقىمۇ قەيت قىلىندى.

ئەسلىي نۇسخىسى 6200 بەت بولغان دوكلاتنىڭ 480 بەتلىك خۇلاسىسى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىلدى. دوكلاتقا ‹ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى – CIA نىڭ دەتالاشلىق گۇانتانامو تۈرمىسى بىلەن ئوخشاش بولمىغان جايلاردىكى مەخپىي سوراق قىلىش ئورۇنلىرىدا قىلىنغان قىيىن – قىستاقلار تىلغا ئېلىنغان تۇنجى رەسمىي ھۆججەت› دەپ قارالماقتا.

دوكلاتتا، ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى، ئەلقائىدە گۇماندارلىرىنى قانۇنىي چەك – چېگرادىن ئېغىر ھالقىغان ھالدا قىيىن – قىستاققا ئېلىش بىلەن ئەيىبلەندى. قىيناش ئۇسۇللىرى ئىچىدە جىنسىي مۇناسىۋەت تەھدىتى، سۇدا بوغۇپ قويۇش تۇيغۇسى، تار يەرلەردە ئۇزۇن مۇددەت تۇرغۇزۇپ قويۇش، ئۇخلىغىلى قويماسلىقتەك ئەھۋاللارنىڭ بارلىقى قەيت قىلىندى.

دوكلاتقا كۆرە، ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى قىيىن – قىستاققا دائىر ئەھۋاللار ھەققىدە ئاق ساراي، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يالغان مەلۇمات بەرگەن. لېكىن، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرى، بۇ ھەقتە ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش پىلانى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

پىرېزىدېنت باراك ئوباما ئاۋغۇست ئېيىدا دوكلاتنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە بايانات بېرىپ، قىيىن – قىستاققا ئېلىش ئەھۋاللىرىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغانىدى. ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى – CIA نىڭ ئىچكىرىلەپ سوراق قىلىش نامى ئاستىدا قىيىن – قىستاققا ئېلىش ئۇسۇللىرى 2009 – يىلى ئوباما تەرىپىدىن توختىتىلغانىدى.

ئوباما، مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئۆتمۈشتىكى قىيىن – قىستاق ئۇسۇللىرىدىن ۋاز كېچىشكە ياردەمچى بولىدىغانلىقى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

بۇ جەرياندا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن كېيىن دۇنيا مىقياسىدا مەيدانغا كېلىش ئېھتىمالى بولغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەلچىخانىلىرىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر