ئامېرىكا گۇانتانامو سەتچىلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن قەدەم تاشلىدى

ئامېرىكا گۇانتانامو بازىسىدىكى سەتچىلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن مەھبۇسنى قويۇۋەتتى.

140450
ئامېرىكا گۇانتانامو سەتچىلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن قەدەم تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھاكىمىيىتى گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 6 مەھبۇسنى قويۇپ بەردى.
قويۇپ بېرىلگەن 6 كىشىگە ئۇراگۋايدا سىياسىي پاناھلىق بېرىلدى. قويۇپ بېرىلگەن ئارىسىدا سۈرىيە پۇقراسى جىھات دىياب، تۇرمىدىكى قانۇنسىزلىقلارغا قارشى «ئۆلۈم روزىسى» تۇتقانلار ئارىسىدا ئىدى.
11-سېنتەبىر ھۇجۇملاردىن كېيىن رادىكال گۇرۇپپىلار بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىدىن گۇمان قىلىنغان 779 ئادەم تۇتقۇن قىلىنىپ، گۇانتانامو بازىسىغا ئېلىپ كېلىنگەنىدى. تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ھېچقانداق جىنايى قىلمىشلار بىلەن ئەيىبلەنمەستىن قولغا ئېلىنغانىدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما 2009-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندە، گۇانتانامو بازىسىنى تولۇق تاقىۋېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ، مەجلىستىن يېتەرلىك دەرىجىدە ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن، مەھبۇسلارنى قەدەممۇ قەدەم سىياسىي مۇساپىر سالاھىيىتىدە ئوخشىمىغان دۆلەتلەرگە ئەۋەتىشكە باشلىغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر