سۈرىيەدە ئى ش ئى د بىلەن ئەسەد قىسىملىرى تىركەشتى

سۈرىيەدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى بىلەن بىلەن ئەسەد قىسىملىرى تىركەشتى

140461
سۈرىيەدە ئى ش ئى د بىلەن ئەسەد قىسىملىرى تىركەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى ئىراق بىلەن سۈرىيەنىڭ ئورتاق مەسىلىسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقان بىر پەيتتە، سۈرىيەنىڭ ئەسەد مەسىلىسىمۇ داۋاملاشماقتا.
سۈرىيەدە ناھايىتى ئاز بىر-بىرلىرى بىلەن تىركىشىپ قالىدىغان ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى بىلەن ئەسەد قىسىملىرى، دەيرەزور ھەربىي ئايرۇدۇرۇمنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن توقۇنۇشتى.
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى چارشەنبە كۈنى ئايرۇدۇرۇمغا ھۇجۇم قوزغىغاندا، ئەسەد قىسىملىرى ئۇلارغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتكەنىدى. ئىراقتا شىئەلەر ئەربايىن مۇراسىملىرىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىندى.
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى كۈرەشلەردە خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەرنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن تەشكىلاتنىڭ ئىنتىقام تىزىملىكىدە بولغان سەئۇدى ئەرەبىستانىدىمۇ رادىكال گۇرۇھلارغا چېتىشلىق بولغان 135 ئادەم قولغا ئېلىندى.
ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىبراھىم جافەرى بىلەن ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەلىد مۇئەللىم، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەھدىتى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، بۈگۈن تېھراندا ئىرانلىق مەنسەبدېشى جەۋات زارىف بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەھدىتىدىن قاخشاپ كېلىۋاتقان ئەسەد ھاكىمىيىتى بولسا سۈرىيەدە قەتلىئام قىلمىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
سۈرىيە ئارمىيەسى بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇرۇن ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى ھالەپ ۋە ئەتراپىنى بومباردىمان قىلماقتا. ئۆكتىچى رەھبەرلەر ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە گازىئانتەپتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى سىتاففانمۇ مىستۇرا بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدۇ. مىستۇرا تەرىپىدىن ئىلگىرى تەييارلانغان بىر لايىھە ئالاقىدار تەرەپلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانىدى.
ئەسەد ھاكىمىيىتى تەرىپىدىنمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بىر تۈركۈم ئۆكتىچى رەھبەرلەر بىر ھەپتىدىن بۇيان موسكوۋادا رۇس مەسئۇللار بىلەن بىرلىكتە ھەل قىلىش پىلانى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر