قەرداۋى:İnterpol نىڭ قىزىل باشلىق ھۆججەت چىقىرىشى بىمەنىلىكتۇر

دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باشلىقى يۇسۇف ئەلقەرداۋى، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى – İnterpol نىڭ ئۆزى ئۈستىدىن قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىشىنى ئەيىبلىدى.

140921
قەرداۋى:İnterpol نىڭ قىزىل باشلىق ھۆججەت چىقىرىشى بىمەنىلىكتۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قەرداۋى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «ھېچكىمنى ئۆلتۈرمىدىم، ھەم ئۆلتۈرۈشكىمۇ رىغبەتلەندۈرمىدىم. مۇنەسسەدىكى جۇمھۇرىيەت مۇھاپىزەتچىلىرى قارارگاھىدا، رابىئە ۋە رەمسىس مەيدانلىرىدا مىڭلارچە بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەنلەر ئوتتۇرىدا تۇرۇۋاتسا، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى – İnterpol نىڭ ئۈستۈمدىن قىزىل باشلىق تۇرۇش بۇيرۇقى چىقىرىشى بىمەنىلىكتۇر... قەتلى قىلىنغان ئادالەت ۋە قانۇننىڭ ماتىمىنى تۇتىدىغان ھېچكىم يوق» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى – İnterpol، مىسىرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن شەنبە كۈنى مىسىر ۋە قاتار پۇقراسى يۇسۇف ئەلقەرداۋى ئۈستىدىن «قەستەن جىنايەت سادىر قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ياردەم قىلىش، مەھبۇسلارنىڭ قېچىشىغا ياردەم قىلىش، ئوت قويۇپ بېرىش، ئۇرۇپ – چىقىش ۋە بولاڭچىلىق قىلىش» دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ، قىزىل باشلىق ھۆججەت چىقارغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر