بەھرەيىندە يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلدى

بەھرەيىندە يېڭى ھۆكۈمەت قەسەم بېرىپ ۋەزىپە باشلىدى.

140484
بەھرەيىندە يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەھرەيىندە خالىفە بىن سەلمان ئەل خالىفە رىياسەتچىلىكىدىكى يېڭى ھۆكۈمەت قەسەم بېرىپ ۋەزىپە باشلىدى.
پادىشاھ خامىد بىن ئىسا خالىفە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى يىغىندا مۇنداق دېدى: «سىلەر تۆتىنچى قانۇن تۈزۈش يىلىدا شەرەپلىك ۋە بىخەتەر ھايات ئۈچۈن خىزمەت قىلىسىلەر. رىئاللىقلارغا تېخىمۇ يېقىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.»
خالىفە خان پەرمانى چىقىرىپ شۇرا مەجلىسىگە 40 ۋەكىل تەيىنلىدى. ئىككى مەجلىسى بولغان بەھرەيىندە شۇرا مەجلىسى ئەزالىرى پادىشاھ تەرىپىدىن تەيىنلىنىدۇ، ھوقۇق دائىرىسى چەكلىك بولغان مەملىكەتلىك مەجلىس بولسا سايلام ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ.
بەھرەيىندە 29-نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلامدا 40 ئورۇندۇقلۇق مەملىكەتلىك مەجلىس ۋەكىللىرى سايلانغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر