بىرلەشمە كۈچلەر: ئى ش ئى د نىڭ ئىلگىرىلىشى توختىتىلدى

خەلقئارا بىرلەشمە كۈچلىرىنىڭ ئورتاق باياناتىدا، ئى ش ئى د نىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ئىلگىرىلىشىنىڭ توختىتىلغانلىقى جاكارلاندى.

137013
بىرلەشمە كۈچلەر: ئى ش ئى د نىڭ ئىلگىرىلىشى توختىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىريۇسسېلدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشلامچىلىق قىلىۋاتقان بىرلەشمىنى قوللىغان 60 دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ ئورتاق باياناتىدا، «ئى ش ئى د ياكى دائېشقا قارشى يەر شارى خاراكتېرلىك سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئى ش ئى د ياكى دائىشنىڭ سۈرىيە مىقياسىدىكى ۋە ئىراقتىكى ئىلگىرىلىشى توختىتىلدى» دېيىلدى. باياناتتا، بىرلەشمە ئەللەرنىڭ «ئى ش ئى د ياكى دائېشقا قارشى ئۇتۇقلۇق سەپەرۋەرلىكنىڭ ۋاقىت ئالىدىغانلىقى ۋە داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغان، بىر گەۋدىلەشكەن ۋە ئۆزئارا ماسلاشقان ھالدا مۇداخىلە قىلىشنى تەقەززا قىلىدىغانلىقى» توغرىسىدا بىرلىك ھاسىل قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئورتاق باياناتتا، بىرلەشمىگە قېتىلغان بەزى ئەللەرنىڭ ئى ش ئى د نىڭ پۈتۈنلەي مەغلۇپ قىلىنىشى ئۈچۈن قۇرۇقلۇقتىن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا ئېھتىياج بارلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى ۋە سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە، ئى ش ئى د ۋە ئەننۇسرەگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان مۆتىدىل ئۆكتىچىلەرنى قوللاشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا چاقىرىق قىلغانلىقى بايان قىلىندى.

باياناتتا، تۈركىيە، لىۋان، ئىيوردانىيە ۋە ئىراقنىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا قىلغان مېھماندوستلارچە مۇئامىلىسىگە يۇقىرى باھا بېرىلدى، خەلقئارانىڭ ئىنسانپەرۋەر ياردەملىرىنىڭ كۆپەيتىلىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلدى. بىرلەشمىنى قوللىغان ئەللەر ئەڭ كۆپ بولغاندا ئالتە ئاي ئىچىدە مىنىستىرلار سەۋىيەسىدە يىغىن چاقىرىپ، ۋەزىيەت ئۈستىدە قايتىدىن مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش توغرىسىدا بىرلىك ھاسىل قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بىرلەشمە كۈچلەر، يېقىنقى ئۈچ كۈن ئىچىدە ئى ش ئى د نىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى مەركەزلىرىگە قارشى 25 قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر