سومالىدا ئاپتومۇبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.

136429
سومالىدا ئاپتومۇبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالىدا ھۇجۇم قىلىش ۋەقىسى يۈز بەردى.
پايتەخت موگادىشۇدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاپتوموبىل ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.
ھۇجۇمدا ئاز دېگەندىمۇ 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ساقچى مەسئۇللىرى بىر ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسىنىڭ ئاپتومۇبىل بومبا بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاپتوموبىل ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۆلگەنلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خادىملىرى ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئايرودورۇمغا يېقىن جايدا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمنىڭ جاۋاپكارلىقىنى ئەششاباب تېررولۇق تەشكىلاتى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.
ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر