بىنغازىدىكى ئاھالىلەر رايونىغا راكېتا بومبىسى چۈشتى

لىۋىيەنىڭ بىنغازى شەھىرىدىكى بىر ئاھالىلەر رايونىغا راكېتا بومبىسى چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

135789
بىنغازىدىكى ئاھالىلەر رايونىغا راكېتا بومبىسى چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەنىڭ بىنغازى شەھىرىدىكى ئاھالىلەر رايونىدا مەيدانغا كەلگەن راكېتا بومبىسى ھۇجۇمىدا 4 كىشى ئۆلدى، 7 كىشى يارىلاندى.

بىنغازىدىكى ئەلجەلا دوختۇرخانىسى مەسئۇللىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، قەيەردىن ئېتىلغانلىقى ئېنىق بولمىغان راكېتا بومبىسى بىن يۇنۇس رايونىدىكى دوختۇرخانا جايلاشقان كوچىغا چۈشكەن.

ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى ئاپتوموبىللار بىلەن ئەتراپتىكى بىنالارنىڭمۇ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر