ھىندىنوزىيەدە خەلقئارا مۇسۇلمان مودا فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى

ھىندىنوزىيەنىڭ پايتەختىدە خەلقئارا مۇسۇلمان مودا فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى

211245
ھىندىنوزىيەدە خەلقئارا مۇسۇلمان مودا فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىنوزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا مۇسۇلمان مودا فېستىۋالى بۇ يىلمۇ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.
توقۇمۇچىلىق مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋال ئىسلامىي ناخشا-ئۇسۇل ئۆمەكلىرىنىڭ ناخشا-ئۇسۇللىرى ۋە ئىلاھىلىرى (دىنى ناخشا) ھەمراھلىقىدا ئېچىلدى. 2015-يىلنىڭ ئىسلامىي كىيىم-كېچەك مودىسى ئۈچۈن تەييارلانغان كىيىم-كېچەكلەر كۆرگەزمە قىلىنغان پائالىيەتتە، ئوغۇل ۋە قىز مودېللارنىڭ كۆرسەتكەن نومۇرى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.
فېستىۋالغا تۇنجى قېتىم پاكىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەردىن مودا لايىھلىگۈچىلەرمۇ قاتناشتى. ھىندىنوزىيەلىك ئىسلامىي كىيىم-كېچەك لايىلىھگۈچىسى ماڭگالا ئىددىخى چاندرا: «بۇ يىلقى لايىھلەردە ھىندىنوزىيەنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم شەكىللىرىنى ئاساس قىلدىم، ياغلىققا تۈركىيە موتىفلىرىنى ئىشلەتتىم» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر