مەشھۇر رەفا چېگرا ئېغىزى ئاخىرى ئېچىۋېتىلدى

مىسىر ھاكىمىيىتى مەشھۇر چېگرا ئېغىزىنىڭ ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

210111
مەشھۇر رەفا چېگرا ئېغىزى ئاخىرى ئېچىۋېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەشھۇر رەفاھ چېگرا ئېغىزى غەززەگە ئۆتمەكچى بولغانلار ئۈچۈنلا ئېچىۋېتىلدى.
غەززە چېگرا ئېغىزلىرى ئىدارىسى مۇدىرى ماھىر دئەبۇ سۇبباھ چېگرا ئېغىزى ئېچىلغاندىن كېيىن مىسىر چېگرىسىدا ساقلىنىۋاتقان ئونلارچە ئادەمنىڭ رەفاھ چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆچرەتلەر شەكىللەندۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى، غەززەگە ئۆتۈش ئۈچۈن ساقلىۋاتقان تەخمىنەن 3000 پەلەستىنلىك بارلىقىنى ئېيتتى.
پەلەستىننىڭ قاھىرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جەمال ئەش شەۋبەكى، مىسىر ھاكىمىيىتىنىڭ پەلەستىننىڭ تەلىپىگە بىنائەن رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى غەززەگە ئۆتكمەكچى بولغان پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن يەكشەنبە ۋە دۈشەنبە كۈنلىرى 9:00-16:00 سائەتلىرىدە غەززەگە ئۆتۈشلىرى ئۈچۈنلا ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
مىسىرلىق مەسئۇللار ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنىمۇ رەفاھ چېگرا ئېغىزىدىن غەززەگە ئۆتمەكچى بولغانلارنىڭ رايونغا كىرىشى ئۈچۈن چېگرا ئېغىزىنى 2 كۈنلۈك ئېچىۋەتكەنىدى. ئىسرائىلىيە مۇھاسىرىسى سەۋەبلىك غەززەنىڭ "دۇنياغا ئېچىلىدىغان يېگانە ئېغىزى"ھېسابلىنىدىغان مىسىر چېگرىسىدىكى رەفاھ چېگرا ئېغىزى، مىسىردا يۈز بەرگەن ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشتىن بۇيان پات-پات تاقىلىپ كەلمەكتە.
ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 24-ئۆكتەبىردە سىنا ئۆلكىسىدە ئىككى بىخەتەرلىك ئېغىزىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردىن كېيىن مىسىر ھاكىمىيىتى، "تېررورلۇق مەسىلىسىنى تۈپ يىلىتىزىدىن ھەل قىلىش"نى باھانە قىلىپ رايوندا 3 ئايلىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلىپ، بۇ دائىرىدە رەفاھ چېگرا ئېغىزىنىمۇ تاقىۋەتكەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر