ھامىنى: «ئىران ئەمەس ئامېرىكا زىيان تارتىدۇ»

ھامىنى سۆزىدە «يادرو مۇزاكىرىلىرىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىسا، بىزگە نىسبەتەن قىيامەت قايىم بولمايدۇ» دېدى

208872
ھامىنى: «ئىران ئەمەس ئامېرىكا زىيان تارتىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ دىنى رەھبىرى ئەلى ھامىنى يادرو مۇزاكىرىلىرىدە مەسلىنىڭ ھەل بولۇشىغا ئىراندىنمۇ بەكرەك ئامېرىكىنىڭ ئېھتىياجى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەلى ھامىنى ئىران پىدائىيلىرى بىخەتەرلىك قىسىملىرى قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەش يىلى مۇراسمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.
ھامىنى «بىزنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئېھتىياجىمىز يوق، ئەگەر ئىران بىلەن 5 + 1 دۆلەتلەر گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان يادرو مۇزاكىرىلىرى نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان تەقدىردىمۇ، ئىرانغا ھېچقانداق زىيىنى بولمايدۇ» دېدى.
ھامىنى سۆزىدە «بۇ قېتىم پالاتا سايلىمىدىكى مەغلۇبىيەت ۋە فېرگۇسۇن شەھىرىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر تۈپەيلى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما قېيىن ئەھۋالدا قالدى. شۇڭا يادرو مۇزاكىرىلىرىدە كېلىشام ھاسىل قىلىنىشىغا ھەممىدىن بەك ئوبامانىڭ ئېھتىياجى بار. يادرو مۇزاكىرىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىسا، بىزگە نىسبەتەن قىيامەت قايىم بولمايدۇ، بىراق بۇ كېلىشىم ھاسىل قىلالماسلىق ئامېرىكىغا زىيان يەتكۈزىدۇ» دەپ تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر